سەبۇرى تور بېكىتى 2009.يىلى 4.ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئەسلىدىكى سەبورى ئېلېكتىرون كۇلۇبى(www.sebori.cn) ئاساسىدا كېڭەيتىلىپ ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر ئامبىرى تۈزۈش، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەت مۇھىتى يارىتىش نىشانى بىلەن ھازىرقى ھالەتكە يېتىپ كەلدى.
سەبۇرى كىم؟
سەبۇرى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق شائىر ھۈسەيىن سەبۇرىنىڭ نامىدۇر. بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى چىدام بىلەن سەۋرنىڭ يىغىندىسىدۇر.
سەبۇرى تور بېكىتىنىڭ ۋەزىپىسى كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى تور زىيارەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش.
بىز ئۇيغۇر تورچىلىقى، جۈملىدىن پۈتكۈل جۇڭگو ئېنتېرنىت ساھەسىگە يېڭىدىن قەدەم قويغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تەۋرەنمەس ئىرادىمىز بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەيمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ ياشلىقى ۋە قىممەتلىك ۋاقتىنى مىللىتىمىزنىڭ كومپىيۇتېر - ئۇچۇر تېخنىكىسى تەرەققىياتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلىتىمىزنىڭ كومپىيۇتېر تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتا قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمىز.
بىز بىلەن بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆز - ئارا ئۆگېنىپ بىرلىكتە ئالغا بېسىشنى خالايدىغان ھەر قانداق قېرىندىشىمىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
تور بېكەت تۇغ رەسىمى:
![]()
تور تۇغ رەسىم ئادرىسى:
http://www.seburi.com/logo.gif
تور بېكەت قۇرغۇچىلىرى:
مەردان ئەخمەت سەبۇرى، شىئەن ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا ئۇنېۋېرسىتى ئېلېكتىرون ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى 2004.يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
ياسىنجان، شىئەن ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا ئۇنېۋېرسىتى ئېلېكتىرون ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى 2005.يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
زۇننار، شىئەن ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا ئۇنېۋېرسىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى 2004.يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
دائىمىي ئەزالار:
بەختىيار غۇلام [سەھىپە باشقۇرغۇچىسى]، شىئەن ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئۇچۇر باشقۇرۇش كەسپى 2008.يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
نۇرئەخمەت [سەھىپە باشقۇرغۇچىسى]، چاڭئەن ئۇنىۋېرسىتىتى 2008.يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
ھوشۇر قارى [تەكلىپلىك يازغۇچى] ، لاڭفاڭدا خىزمەت قىلىدۇ.
مۇختەرجان [PHP ھەۋەسكارى]، لەنجۇۋ ئۇنۋېرسىتىتى 2009.يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
تۇراپجان تۇرسۇن [تەكشىلىك لاھىيەلەش ئۇستىسى، تەرجىمان]، شىئەن ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئېنگلىزتىلى كەسپى 2008.يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
گۈلجەننەت [تەرجىمان]، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى.
